بىرىنچى قىسىم 22:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 داۋۇت كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سېلىنىدىغان بۇ ئىبادەتخانا چوقۇم ھەيۋەتلىك، كۆركەم ۋە پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان بولسۇن. لېكىن ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ۋە تەجرىبىسىز، شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىغا كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ قوياي» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى تەييارلىدى. Gade chapit la |
ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇلار ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.