3 داۋۇت يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ياغاچ دەرۋازىسىنى مىخلاشقا كېتىدىغان مىخ ۋە مۇجۇق ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۆمۈر يىغدى ۋە يەنە ھەددى-ھېسابسىز تۇچ تەييارلىدى.
قارا ئوغلۇم، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن 3500 توننا ئالتۇن، 35 مىڭ توننا كۈمۈش، ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ۋە تۆمۈر تەييارلىدىم. مەن يەنە ياغاچ ۋە تاش ماتېرىياللارنىمۇ تەييارلىدىم. لېكىن سەن ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپەيتكىن.
مەن خۇدايىمنىڭ بۇ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن نۇرغۇنلىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنى تەييارلىدىم. ئۇلاردىن باشقا كۆپلىگەن يوللۇق ھېقىق، فىرۇزە تاشلار، رەڭلىك تاشلار، مەرمەر ۋە ھەر خىل قىممەتلىك تاشلارنىمۇ تەييارلىم.
تۇچتىن ياسالغان بۇ نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان بۇلارغا قانچىلىك تۇچ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۆلچەپ ئولتۇرمىدى.
ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىلغان ھەدىيەلىرى 180 توننا ئالتۇن، 10 مىڭ دانە ئالتۇن تەڭگە، 360 توننا كۈمۈش، 650 توننا تۇچ ۋە 3600 توننا تۆمۈر ئىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان، داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
سۇلايمان ياساتقان بۇ نەرسىلەر بەك كۆپ بولغاچقا، ئىشلىتىلگەن تۇچلارنىڭ ئېغىرلىقى ھېسابلانمىدى.
ئۇ يەردە يېمەكلىكلەر مول بولۇپ، ھېچنېمە كەم ئەمەستۇر. تاشلىرىدىن تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس چىقىدۇ.