Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 22:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالىدۇ. ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 22:10
16 Referans Kwoze  

چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، بۈگۈن مەن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.» بۇ سۆزنى خۇدا ھەرقانداق بىر پەرىشتىسىگە دېگەن ئەمەس، شۇنداقلا خۇدا يەنە ھېچقانداق بىر پەرىشتە توغرۇلۇق: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ.» دېگەنمۇ ئەمەس.


ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!


ئۇ ماڭا نىدا قىلىپ دېدىكى: ‹سەن مېنىڭ ئاتام، خۇدايىمدۇرسەن، نىجاتكارىم، قورام تېشىمدۇرسەن.›


پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: ‹مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭ ماڭا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالىدۇ› دېگەنىكەن. شۇڭا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم.


ئادونىيا: _ سىلىگە مەلۇم، بۇ پادىشاھلىق ئەسلى مېنىڭ ئىدى. بارلىق ئىسرائىللار مېنى پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئويلىشاتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن پەرۋەردىگارنىڭ خاھىشى بىلەن پادىشاھلىق ئىنىمنىڭ بولۇپ قالدى.


مېنى قۇدرەتلىك قىلىپ، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان، ئاتامغا ۋەدە قىلغىنىدەك پادىشاھلىقنى ماڭا بەرگەن ۋە ئەۋلادلىرىمغا بەرمەكچى بولغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، _ دېدى.


_ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى.


ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەختىڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىمەن.


پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەدە پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.


سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite