Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 22:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇڭا داۋۇت: _ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى مۇشۇ يەردە بولىدۇ، _ دەپ جاكارلىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 22:1
16 Referans Kwoze  

سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مورىيا تېغىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا باشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى يىبۇسلۇق ئاراۋنانىڭ خامانلىقىدا بولۇپ، بۇ يەرنى داۋۇت بەلگىلەنگەنىدى. پەرۋەردىگار سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتقا شۇ يەردە زاھىر بولغانىدى.


ئۇ قورقۇپ كەتتى. ئۇ: «بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق جاي، بۇ باشقا يەر ئەمەس، دەل خۇدانىڭ ئۆيى، يەنى ئەرشكە چىقىدىغان دەرۋازا ئىكەن!» دېدى.


بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا ۋەيران قىلىۋەتكەن سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرى دەل پەرۋەردىگارنىڭكى ئەمەسمىدى؟ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيە خەلقىگە، جۈملىدىن يېرۇسالېم خەلقىگە پەرۋەردىگارغا پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟»


گاد پەيغەمبەر شۇ كۈنى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ سىلى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالسىلا، _ دېدى.


تەرك ئەتتى ئۇ يەنە شىلودىكى ماكانىنى، ئىنسانلار ئارىسىغا تىككەن چېدىرىنى.


خىزكىيا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سەجدىگاھلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئۇ يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا قۇربانلىق سۇپىسى يېتىدۇ، دەپ ئېيتمىغانمىدى؟


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.


لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ سەجدىگاھقا بېرىپ، خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.


پەرۋەردىگار قەبىلىلىرىڭلارنىڭ بىرسىنىڭ زېمىنىدىن ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاينى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سىلەر پەقەت شۇ يەردىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى مېنىڭ بۇيرۇغىنىمدەك سۇنۇڭلار.


بەش مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار دەرھال بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite