5 يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن داۋۇتقا مەلۇمات بەردى. پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر بىر مىليون يۈز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 470 مىڭ ئادەم بار ئىدى.
يوئاب جەڭ قىلىشقا قادىر بولغان ئادەملەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن پادىشاھقا مەلۇمات بەردى. ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر 800 مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 500 مىڭ ئادەم بار ئىدى.
داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى تىزىمغا ئالغاندا، 20 ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى.
لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئابنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ، يوئاب پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ئايلىنىپ، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى.
مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب خەلقنى تىزىملاشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تولۇق تىزىملاپ بولالمىغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقنى تىزىملاشقا باشلىغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئومۇمىي سانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەزكىرىسىگە كىرمىگەنىدى.