Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 21:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمە قىلىشنى خالىسىلىرى شۇنى قىلغايلا. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بۇقىلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن بۇغدايلىرىمنى بېرەي. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىشكە رازى، _ دېدى ئاراۋنا.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 21:23
8 Referans Kwoze  

ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىغا كېلىپ، چوڭ بىر قورام تاشنىڭ يېنىدا توختىدى. ئاھالىلەر ھارۋىنى ئوتۇن قىلىپ يېرىپ، ئىنەكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.


كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.


شۇنىڭ بىلەن ئېلىشا كەتتى. ئۇ بىر جۈپ ئۆكۈزىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆكۈزنىڭ جابدۇقلىرى بىلەن گۆشىنى پىشۇرۇپ، جامائەتكە تارقىتىپ بەردى. جامائەت گۆشلەرنى يېيىشتى. ئاندىن ئۇ ئىلياسقا ئەگەشتى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.


داۋۇت ئاراۋناغا: _ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن خامىنىڭنى ماڭا ئۆز باھاسىدا سېتىپ بەرسەڭ. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇشۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دېدى.


لېكىن پادىشاھ داۋۇت: _ ياق، مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن. پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن سېنىڭ نەرسىلىرىڭنى بىكارغا ئالمايمەن، بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite