21 ئاراۋنا داۋۇتنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خامىنىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى.
ئابىگال داۋۇتنى كۆرۈپ، دەرھال ئېشىكىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى.
ئاراۋنا تۆت ئوغلى بىلەن خاماندا بۇغداي ئايرىۋاتتاتتى، ئۇ بۇرۇلۇپلا پەرىشتىنى كۆردى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يوشۇرۇنۇۋالدى.
داۋۇت ئاراۋناغا: _ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن خامىنىڭنى ماڭا ئۆز باھاسىدا سېتىپ بەرسەڭ. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇشۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دېدى.
قورام تاش ئۈستىدە ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يالقۇن ئىچىدە ئۇچقاندەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇنى كۆرۈپ مانوۋاخ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى باشلىرىنى يەرگە قويۇشۇپ سەجدە قىلىشتى.