بىرىنچى قىسىم 21:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب ۋە باشقا سەركەردىلىرىگە: _ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ داندىن بەئەرشەباغىچە جايلاشقان ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى ئارىلاپ، ئۇلارنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ، مەلۇمات قىلىڭلار. مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلەي، _ دېدى. Gade chapit la |
پادىشاھ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ يېرۇسالېمدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا، يەنى جەنۇبتىكى بەئەرشەبادىن تاكى شىمالدىكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق كىشىلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلدى. چۈنكى پۈتۈن خەلق ئۇزۇندىن بېرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى.