Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 21:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گادقا: _ سەن داۋۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «سىز يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىڭ» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 21:18
7 Referans Kwoze  

سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مورىيا تېغىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا باشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى يىبۇسلۇق ئاراۋنانىڭ خامانلىقىدا بولۇپ، بۇ يەرنى داۋۇت بەلگىلەنگەنىدى. پەرۋەردىگار سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتقا شۇ يەردە زاھىر بولغانىدى.


گاد پەيغەمبەر شۇ كۈنى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ سىلى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالسىلا، _ دېدى.


خۇدا پەرىشتىسىنى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتتى. لېكىن پەرىشتە يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: _ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى.


شۇنىڭ بىلەن گاد داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: _ قېنى، ئۆزلىرى تاللىۋالسىلا.


داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئۇ يەرگە باردى.


شۇڭا داۋۇت: _ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى مۇشۇ يەردە بولىدۇ، _ دەپ جاكارلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite