بىرىنچى قىسىم 21:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەي. چۈنكى ئۇ ناھايىتى مېھىر-شەپقەتلىكتۇر. Gade chapit la |
مەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى بايان قىلىمەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئىشلارنى قىلغان، ئۇ بىز ئىسرائىللار ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ شاپائەتلىك ئىشلارنى قىلغان. پەرۋەردىگار ئۆز شاپائىتى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان.
مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا كىرسە، چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. بۇ قانۇننى پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلق بىلىدۇ. پەقەت بىرلا ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئەگەر پادىشاھ چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا ھۇزۇرىغا كىرگەن ئادەمگە سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتسا، ئۇ ئادەم ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. مېنى پادىشاھ ھۇزۇرىگغا چاقىرتمىغىلى بىر ئاي بولدى، _ دېدى.
سامارىيەدە ئودېد ئىسىملىك پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى. ئۇ شەھەردىن چىقىپ، ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرگە غەزەپ قىلىپ، ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردى. سىلەر چەكسىز غەزىپىڭلار بىلەن ئۇلارنى قىرغىن قىلدىڭلاركى، ئۇلارنىڭ نالىسى پەلەككە يەتتى.
شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟!