Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 20:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشى لاخمىنى ئۆلتۈردى. لاخمىنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 20:5
7 Referans Kwoze  

گوبتا يۈز بەرگەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا بەيتلەھەملىك يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈردى. گولياتنىڭ قېرىندىشىنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى.


ئاخىمەلەك داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭغا تائام ۋە فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچىنى بەردى، _ دېدى.


_ سىز ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە، يەنى روھانىيلىق پەرتۇقى قويۇلغان جاينىڭ كەينىدە ماتاغا يۆگەكلىك تۇرىدۇ. خالىسىڭىز شۇنى ئېلىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا قورال-ياراغ يوق، _ دېدى روھانىي. داۋۇت: _ ئۇنىڭدىن ياخشى قىلىچ يوق، شۇنى ماڭا بېرىڭ، _ دېدى.


قولىدىمۇ بىر نەيزە بولۇپ، ئۇنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى، تۆمۈر ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن يەتتە كىلو كېلەتتى. بىر لەشكەر ئۇنىڭ چوڭ قالقىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭاتتى.


فىلىستىيەلىكلەر تەرەپتىن گوليات ئىسىملىك كۈچتۈڭگۈر بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ گات شەھىرىدىن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن كېلەتتى.


ئۇ يەنە بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2.5 مېتىر كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بولۇپ، نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. بىنايا مىسىرلىققا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.


كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا رافاھ خەلقىدىن بولغان ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite