7 كارمى دېگەن ئادەمنىڭ ئاكان [مەنىسى «كۈلپەت»] ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۈلپەت كەلتۈرگەنىدى.
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئېلىۋالغۇچى بولماڭلار. ئەگەر سىلەر ئۇ نەرسىلەرنى يوقاتماي، قارارگاھىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭلار، ئىسرائىللارغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىسىلەر.
زەراخ جەمەتىدىن بولغان ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىنى ئوغرىلاپ گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ياغمىدىمۇ؟ ئاشۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتىغۇ؟!
ئاندىن يوشۇۋا ئاكانغا: _ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بۇ بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىسەن؟ ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاكان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى
يوقىتىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق بىر نەرسىنى ساقلاپ قالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىدىن يېنىپ، سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى كۆپەيتىدۇ.
ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەلمەڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ ئۇ نەرسىلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولىسىلەر. ئۇلاردىن قاتتىق يىرگىنىڭلار ۋە قاتتىق نەپرەتلىنىڭلار. چۈنكى بۇ نەرسىلەر يوقىتىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەردۇر.
يەھۇدانىڭ پەرەس، خەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
زەراخنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، ئۇلار زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول ۋە دارا ئىدى.
ئېتاننىڭ ئوغلى ئازاريا ئىدى.