Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 2:51 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

51 ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى سالما بولۇپ، ئۇ بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى خارېف بولۇپ، ئۇ بەيت-گادېر شەھىرىگە ئاساس سالدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 2:51
11 Referans Kwoze  

مۇقەددەس يازمىلاردا مەسىھنىڭ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن ھەم پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدىن كېلىشى ھەققىدە دېيىلمىگەنمىدى؟» دېيىشتى.


«ئەي يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيتلەھەم، يەھۇدىيە رەھبەرلىرىنىڭ نەزىرىدە ئورنۇڭ مۇھىم. چۈنكى سەندىن چىققۇسى، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىسى» - دېيىشتى ئۇلار.


ھەزرىتى ئەيسا ھىرود پادىشاھ زامانىسىدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. كېيىن، شەرقتىن بەزى مۇنەججىملەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىشىلەرگە:


دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئاقساقاللار ۋە جامائەت: _ شۇنداق، بىز گۇۋاھدۇرىمىز. پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئاياللىرى راھىلە بىلەن لېياھقا نۇرغۇن پەرزەنت بەرگىنىدەك، خوتۇنۇڭ رۇتقىمۇ كۆپ پەرزەنت ئاتا قىلغاي. ئەفراتادا باي بولغايسەن، بەيتلەھەمدە ئىززەت-ئابرۇي تاپقايسەن.


رۇت ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقاندا، بوئاز بەيتلەھەمدىن كەلدى. ئۇ ئورمىچىلارغا: _ پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولغاي! _ دەپ سالام بەردى. _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! _ دەپ سالام قايتۇردى ئۇلارمۇ.


ئۇلار بىرلىكتە بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن شەھەر خەلقى ھاياجانغا چۆمدى. ئاياللار ئەجەبلىنىپ، بىر-بىرىگە: _ ئۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ _ دېيىشتى.


راھىلە ۋاپات بولۇپ، ئەفراتاغا، يەنى ھازىر «بەيتلەھەم»گە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى.


مانا بۇلار كالىبنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. كالىبنىڭ ئايالى ئەفراتادىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلى خۇر ئۈچ ئوغۇل كۆردى. بىرىنچىسىنىڭ ئىسمى شوبال بولۇپ، ئۇ قىريات-يىئارىم شەھىرىگە ئاساس سالدى.


قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى شوبال بولۇپ، قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكىلەر، ھاروئەلەر ۋە ماناخات شەھىرىنىڭ يېرىم ئاھالىسى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. قىريات-يىئارىم شەھىرىنىڭ ئاھالىسى يىترى جەمەتى، پۇتى جەمەتى، شۇما جەمەتى ۋە مىشرا جەمەتىدىن تەشكىل تاپقانىدى. زورئاھ ۋە ئەشتائول خەلقىمۇ شۇ جەمەتلەردىن كېلىپ چىققانىدى.


ئىسرائىللارغا سەردارلار يېتەكچىلىك قىلغان چاغلاردا، ئىسرائىل زېمىنىدا قەھەتچىلىك يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان ئەلىمەلەك ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خوتۇنى نائومى ۋە ئوغۇللىرى ماخلون بىلەن كىليوننى ئېلىپ، موئاب ئېلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite