25 خەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يىراخمىئېلدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار: تۇنجى ئوغلى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزېم ۋە ئاخىيا.
ئاكىش: «سىلەر بۇ قېتىم قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلدىڭلار؟» دەپ سورىسا، داۋۇت: «يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى. بەزىدە: «يىراخمىئېللارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق»، يەنى بەزىدە: «قېنلارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى.
خەزرون كالىب-ئەفراتا شەھىرىدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېغىر ئاياغ ئايالى ئابىيا ئاشخۇر ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغدى. ئاشخۇر تىقوۋا شەھىرىنى بىنا قىلدى.
يىراخمىئېلنىڭ ئاتارا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئونام تۇغۇلدى.
خەزروننىڭ يىراخمىئېل، رام ۋە كالىب ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
ئېخۇدنىڭ نائامان، ئاخىيا ۋە گېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار گەبا شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. گەبا ئاھالىسى ماناخاتقا سۈرگۈن قىلىنغاندا، گېرا خەلقنى باشلاپ كەتكەنىدى. گېرانىڭ ئۇززا ۋە ئاخىخۇد ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.