21 خەزرون 60 ياشقا كىرگەندە، ماكىرنىڭ قىزى، يەنى گىلئادنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن سىگۇب ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.
بىر كۈنى زىلوفخادنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھلار ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىشقا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى زىلوفخاد خېفەرنىڭ ئوغلى، گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، ماناسسەنىڭ چەۋرىسى ئىدى، ماناسسە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى.
ماناسسە قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان گىلئادنى ماكىر جەمەتىگە بەردىم.
ماناسسەنىڭ ماكىر ئىسىملىك ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەت، گىلئاد جەمەتى ئىدى. ماناسسە ماكىرنىڭ ئاتىسى، ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى.
ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوغلى ئەفرايىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. يۈسۈپ ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلدى.
خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى، ئۇرىدىن بىزالئېل تۆرەلدى.
سىگۇبتىن يائىر تۆرەلدى. ئۇ گىلئادتىكى 23 شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يائىر گىلئادنىڭ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، بۇ شەھەرلەرگە «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ نام قويدى.
ماناسسە ئارراملىق توقىلىدىن ئاسرىئېل ۋە ماكىر ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى.