2 دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر.
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى: رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن،
يەھۇدانىڭ ئېر، ئونان ۋە شېلاھ ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئوغۇلنى ئۇنىڭغا كەنئانلىق ئايالى باتشۇۋا تۇغۇپ بەرگەنىدى. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.
ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
گاد ۋە ئۇنىڭ زىفيون، خاگگى، شۇنىي، ئەزبون، ئەرى، ئارودى ۋە ئارئېلى قاتارلىق ئوغۇللىرى،
ئاشېر ۋە ئۇنىڭ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى، بىرىئا قاتارلىق ئوغۇللىرى، قىزى سەراخ ۋە بىرىئاانىڭ خەبەر ۋە مالكىئېل قاتارلىق ئوغۇللىرى.
ئايالى راھىلە ياقۇپقا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىنيامىن ئىدى.
داننىڭ خۇشىم ئىسىملىك بىر ئوغلى،
نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شىللېم قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى.