13 يىشاينىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، تۇنجى ئوغلى ئەلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شامماھ،
يىشاينىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىناداب، ئۈچىنچىسىنىڭ بولسا شامماھ ئىدى.
يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئەلىھۇ، ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى.
بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
داۋۇتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى ئەلىئاب داۋۇتنىڭ كىشىلەر بىلەن قىلىشقان سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ: _ نېمىدەپ بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ دالادىكى بار-يوقى بىرقانچە قويلارنى كىمگە تاپشۇردۇڭ؟ مەن سېنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭنى ۋە يامان نىيىتىڭنى بىلىمەن. سەن ئەمەلىيەتتە جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، _ دېدى.
داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە، يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى.
بوئازدىن ئوبېد تۆرەلدى، ئوبېدتىن يىشاي تۆرەلدى.
تۆتىنچىسى نىتانئېل، بەشىنچىسى رادداي،
يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاسائېلنى بەيتلەھەمگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى. ئاندىن ئۇلار بىر كېچە يول مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھىبرونغا يېتىپ كەلدى.
ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر ئاغىنىسى بار بولۇپ، ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى ئىدى. يوناداب ئىنتايىن قۇۋ ئادەم ئىدى.