10 رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىناداب يەھۇدا خەلقىنىڭ يولباشچىسى ناخشوننىڭ ئاتىسى ئىدى.
رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، ئاممىناداب ناھشوننىڭ ئاتىسى، ناھشون سالموننىڭ ئاتىسى،
يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون،
يەھۇدا قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنچىقىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوندۇر.
ھەر قېتىم ئۇلار يولغا چىققاندا، ئالدى بىلەن يەھۇدا تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. يەھۇدا قەبىلىسىگە ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون يېتەكچىلىك قىلدى.
ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوننىڭ ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
بىرىنچى كۈنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.
ھارۇن ناخشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
خەزروننىڭ يىراخمىئېل، رام ۋە كالىب ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.
ناخشوندىن سالما تۆرەلدى، سالمادىن بوئاز تۆرەلدى،