1 ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى: رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن،
ھېلىقى كىشى يەنە: _ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى.
«ئەي ئوغۇللىرىم، ھەممىڭلار كېلىپ قۇلاق سېلىڭلار. ئاتاڭلار ئىسرائىلنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭلار.
ئۇنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ، نەپىسى توختاي دېگەندە، بالىسىغا بەنئونى [مەنىسى «قايغۇلۇق ئوغلۇم»] دەپ ئىسىم قويدى. بالىنىڭ ئاتىسى بولسا ئۇنىڭغا بىنيامىن [مەنىسى «ئامەتلىك بالا»] دەپ ئىسىم قويدى.
يەھۇدا تاماردىن تۇغۇلغان پارەس ۋە زەراھنىڭ ئاتىسى، پارەس ھېسروننىڭ ئاتىسى، ھېسرون رامنىڭ ئاتىسى،
ماگدىئېل ۋە ئىرام. مانا بۇلار ئىدوملۇقلارنىڭ باشلىقلىرىدۇر.
دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر.
رۇبېن ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى ئىدى. لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ توقىلىغا بىرىگە چېقىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى بىكار قىلىنىپ، بۇ ھوقۇق ئۇنىڭ ئىنىسى يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن رۇبېن نەسەبنامىدا تۇنجى ئوغۇل دەپ خاتىرىلەنمىگەنىدى.