Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 19:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇلار يەنە 32 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر، شۇنداقلا مائاكا پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنى ياللىدى. مائاكانىڭ پادىشاھى كېلىپ، مېدىبا شەھىرىنىڭ ئالدىدا بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ ئۆز شەھەرلىرىدىن يىغىلىشىپ جەڭگە ئاتلاندى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 19:7
12 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىدىكى ئاروئېر شەھەردىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى جايلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دىبون شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ بارىدۇ.


بىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدۇق، خەشبون ۋەيران بولدى تاكى دىبونغىچە. پايخان قىلدۇق ئۇلارنى تاكى نوفاخقىچە، نوفاختىن ھەتتا مېدىباغىچە.»


ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىدىكى ئاروئېر شەھىرىدىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى ئورۇنلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىككە سوزۇلغان.


موئابتىكى دىبون شەھىرىنىڭ خەلقى ئۆز بۇتخانىسىغا بارىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىشىدۇ. موئابلار نىبو ۋە مېدىبا شەھەرلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشىدۇ. ئۇلار مۇسىبەتتە چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.


كۇشتىن كەلگەن زەراخ يۈز مىڭلىغان كىشىلىك زور قوشۇن ۋە 300 جەڭ ھارۋىسى بىلەن يەھۇدىيەنىڭ مارېشا شەھىرىگە يېقىنلاپ كەلدى.


داۋۇت ئۇنىڭ مىڭ دانە جەڭ ھارۋىسىنى ئولجا ئالدى، شۇنداقلا يەتتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكىرى ۋە 20 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. يۈز ھارۋىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتلارنى قالدۇرغاندىن سىرت، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى.


ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى.


فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى. ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز پىيادە لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا بارگاھ قۇردى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەپ نالە-پەرياد قىلدى. چۈنكى يابىننىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن 900 جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى.


مىسىر قوشۇنى، جۈملىدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە پىيادە لەشكەرلەر ئىسرائىللارنى تاكى قىزىل دېڭىزغىچە، يەنى ئۇلار چېدىر قۇرغان جايغىچە توختىماي قوغلاپ باردى. ئۇ يەر پىھاخىروتنىڭ يېنىدا بولۇپ، بائال-زىفوننىڭ قارشى تەرىپىدە ئىدى.


داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا يوللىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite