13 جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.
تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.
ئاندىن مەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلققە چاقىرىق قىلىپ: _ دۈشمەندىن قورقماڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئاكا-ئۇكىلىرىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار! _ دېدىم.
جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.
يوشۇۋا قوشۇنلىرىغا: _ ھەرگىز قورقماڭلار ھەم بوشىشىپ قالماڭلار! قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى چىقماقچى بولغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنىمۇ مۇشۇنداق كۈنگە قويىدۇ، _ دېدى.
قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار.
قېنى فىلىستىيەلىكلەر، ئەركەكتەك باتۇر بولايلى! بولمىسا، ئىبرانىيلار بىزگە قۇل بولغاندەك بىزمۇ ئۇلارغا قۇل بولىمىز. شۇنداق ئىكەن، ئەركەكتەك جەڭ قىلايلى! _ دېيىشتى.
ئورنۇڭدىن تۇرغىن! سەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بىز سېنى قوللايمىز. سەن جۈرئەتلىك بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن! _ دېدى.
داۋۇت سائۇلغا: _ ئالىيلىرى، ھېچكىمنىڭ ئاشۇ فىلىستىيەلىكتىن قورقۇپ، ئالاقزادە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. مەن خىزمەتكارلىرى ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقىمەن، _ دېدى.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يەنە يېلىنىپ: _ بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، بىزنى نېمە قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىلغايسەن، لېكىن بىزنى بۈگۈن قۇتقۇزغايسەن، _ دېدى.
سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل قانۇنلىرىمغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارساڭ، ھەممە ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
ئايۇپنىڭ بېشىغا شۇنچىۋالا كۆپ بالا-قازا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خۇدانى ئەيىبلەپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى.
ئەگەر پەرۋەردىگار: «سەندىن رازى ئەمەسمەن» دېسە، مەيلى، ئۇ مېنى قانداق قىلغۇسى كەلسە، شۇنداق قىلسۇن، _ دېدى
شۇڭا سامۇئىل ھېچنېمىنى يوشۇرماي، ئۆز ئەينى بويىچە ئېيتىپ بەردى. ئەلى ئۇنىڭغا: _ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇنىڭ ئىرادە قىلغىنى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.
يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا ئارراملار مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل، ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي.
يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئارراملارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئارراملار ئۇلاردىن قاچتى.