12 يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا ئارراملار مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل، ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي.
سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يېنىمغا يىغىلىڭلار. خۇدايىمىز جەڭدە بىزگە يار بولىدۇ، _ دېدىم.
بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر.
قالغان ئادەملىرىنى ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى.
جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى.