1 ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى.
گەرچە پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش سىلەرگە قارشى تۇرغاندا، سىلەر قورقۇپ، ماڭا: «بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەر» دېدىڭلار.
يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان باش ئەمەلدارلار ئىدى.
داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتەي» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر خانۇنغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە،