Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 18:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 داۋۇت يەنە ئىدومغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى، ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 18:13
19 Referans Kwoze  

شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى.


ئىسھاق مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن ئۇنى ساڭا خوجايىن قىلدىم. ئۇنىڭ پۈتۈن قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان قىلدىم. مەن يەنە ئۇنىڭغا ئاشلىق ۋە شارابلارنى بېغىشلىدىم. ئەي ئوغلۇم، ئەمدى مەن ساڭا يەنە نېمىنى بېرىمەن؟


دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەرنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى.


سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا زەپەر ئاتا قىلغۇچىسەن، بەندەڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچ ئاستىدىن قۇتقۇزغۇچىسەن.


يامانلىقلاردىن قوغدايدۇ پەرۋەردىگار، ھەم جېنىڭنى ئۇ ئامان قىلار.


بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى كۆتۈرگەن يىگىتكە: _ يۈر، قارشى تەرەپتىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى، لېكىن بۇنى ئاتىسىغا ئېيتمىدى.


يوناتان گەبادىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭدى. بۇ خەۋەر فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا تېز تارقالدى. ئۇ چاغدا سائۇل پۈتۈن يۇرتتا بۇرغا چالدۇرۇپ، ئىبرانىيلارنى ئۇرۇشقا چاقىردى.


ئۇنىڭدىن كېيىن سەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان «خۇدانىڭ تېغى» دەپ ئاتالغان گىبئاھقا بارىسەن. شەھەرگە كىرگىنىڭدە، تاغدىكى سەجدىگاھتىن چۈشۈپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە يولۇقىسەن. ئۇلار چىلتار، داپ، نەي ۋە لىرالارنى چېلىشىپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشىدۇ.


ئۇ ئىدومنى بويسۇندۇرۇپ، دۈشمەن بولغان سەئىرنىمۇ ئىگىلەيدۇ، ئىسرائىللار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.


سەن قىلىچقا تايىنىپ ياشايسەن، ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن. لېكىن سەن ئۇنىڭغا قارشى چىقساڭ، ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالايسەن.»


باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي، خەلقلەر ساڭا تەزىم قىلغاي. قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن. ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي. ساڭا لەنەت ئوقۇغانلار لەنەتكە قالغاي، ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەختلىك بولغاي.»


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.»


ئىلگىرى پادىشاھ داۋۇت ئىدومنى مەغلۇپ قىلغاندا، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى يوئاب جەڭدە قۇربان بولغان ئىسرائىللارنى دەپنە قىلغىلى بېرىپ، ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تاشلىغانىدى.


مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.


داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى.


پەرۋەردىگار داۋۇتقا يار بولغاچقا، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite