بىرىنچى قىسىم 18:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 ئوغلى ھادورامنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ يەنە داۋۇتقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلدى. Gade chapit la |
شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى. ئۇ يېرۇسالېمغا نۇرغۇن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە گۆھەرلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈككەن قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى.