25 ئى خۇدايىم، سەن مەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ۋەدە قىلغانىدىڭ. شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ سانىنى قويلاردەك كۆپەيتىمەن.
ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالىسەن ئېزىلگەنلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە، قۇۋۋەت بېرىسەن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە. كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىسەن دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە.
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى:
شۇندىلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىشىدۇ. قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ھۇزۇرۇڭدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، سەن بىردىنبىر خۇدادۇرسەن! سەن ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى ۋەدە قىلدىڭ.