17 ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن مېنى نەزىرىڭدە ئۇلۇغ ئادەم بىلدىڭ.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»
بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! ئۇ ھاياتىمىزدا نامايان بولۇۋاتقان ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بارلىق تىلىكىمىز ۋە ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە بۇ دېگەن كىچىككىنە بىر ئىش. ئۇ موئابلارنىمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.
ساڭا يەنە سەن مەندىن تىلىمىگەن بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنىمۇ بېرىمەن. ئۆمرۈڭدە ساڭا تەڭ كېلىدىغان ھېچقانداق پادىشاھ بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئوردىسىنى ساڭا ئاتا قىلىپ، خوتۇنلىرىنى قۇچىقىڭغا تاشلاپ بەردىم. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقلىرىنىمۇ ساڭا بەردىم. بۇلارنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكىنى بېرەر ئىدىم.
ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئىگەم پەرۋەردىگار مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن باشقا ئىنسانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟
شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ داۋۇت ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟!
سەن مەن قۇلۇڭنى شۆھرەتكە ئېرىشتۈردۈڭ، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مەن قۇلۇڭنى بىلىسەن.