بىرىنچى قىسىم 17:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. بىر كۈنى داۋۇت ناتان پەيغەمبەرگە: _ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى. Gade chapit la |
پادىشاھ داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قېرىنداشلىرىم، خەلقىم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئەسلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالماقچى ئىدىم. ئەھدە ساندۇقى پەرۋەردىگارنىڭ پۇتىنى قويىدىغان يېرىدۇر. مەن ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم.