9 خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.
ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.
ئاراڭلاردا جاپا تارتىۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسۇن. خۇشال بولۇۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن.
ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا زەبۇر مۇناجاتلىرى، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلار ياڭرىسۇن. قەلبىڭلاردا بۇ نەغمە سادالىرى ياڭرىغاندەك، چىن قەلبىڭلاردىن رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار.
ئى خۇدايىم، بىلمىگەننى سەن بىلدۈردۈڭ ياشلىقىمدىن، كارامەتلىرىڭنىڭ جاكارچىسى بولۇپ كەلدىم شۇ چاغدىن.
يوشۇرۇپ يۈرمىدىم قەلبىمدە ئادالىتىڭنى، بايان ئەيلىدىم ۋاپادارلىقىڭ ھەم نىجاتلىقىڭنى. پىنھان تۇتمىدىم بۈيۈك جامائەتتىن، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ نامىنى ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يازمىغا پۈتۈلدى.
جاھان ئەھلىنى ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ بىلەن ئۇلار خەۋەردار قىلار، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك سەلتەنەتىنى مەلۇم قىلار.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار، كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!
ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.
سەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ماختاشنى ئۇنتۇما، كىشىلەر ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندۇر.
تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلقلەر ئارا.