Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 16:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

41 ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن يەنە ھېمان، يىدۇتۇن ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئالاھىدە تاللانغانلار بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدى. چۈنكى «پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر».

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 16:41
21 Referans Kwoze  

نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، شۈكۈر ئېيتقان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار تەڭكەش قىلىندى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇتقا تولدى.


ئۇلار ئېيتىش ئېيتىشىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى ۋە مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر! ئىسرائىلىيەگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» ئاندىن بارلىق خەلق ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇشتى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قويۇلۇپ بولغانىدى.


يىھوشافات جامائەت بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مۇراسىم كىيىمى كىيىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتلارنى لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. ئۇلار سەپنىڭ ئالدىدا: «پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىپ ماڭدى.


بارلىق ئىسرائىللار ئاسماندىن ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، تىزلىنىپ، باشلىرىنى تاش ياتقۇزۇلغان يەرگە تەگكۈزۈپ، سەجدە قىلىشتى ۋە «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ شۈكۈر ئېيتىشتى.


شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈ داۋام قىلار.


ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان نەغمىچىلەر: قوھات جەمەتىدىن قوشاقچى ھېمان. ھېماننىڭ نەسەبنامىسى: ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى،


مۇسا بىلەن ھارۇن تاللانغان بۇ ئەرلەرگە چاقىرىق قىلىپ،


مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.


يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!› مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.


ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارغا، ھەم ئۇنىڭ ئەھدىسىگە سادىق بولغانلارغا، ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئېسىدە تۇتقانلارغا، ئۇ كۆرسىتەر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئاداققىچە، ھەققانىيىتى داۋام ئېتەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.


ئۇلاردىن باشقا، يەنە 220 نەپەر ئىبادەتخانا خىزمەتكارىنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى لاۋىيلارغا ياردەم بېرىشكە بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تىزىملىككە بىرمۇبىر پۈتۈلگەنىدى.


داۋۇت ئاساف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر كۈنى خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدى.


ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن 18,000 جەڭچى، ئۇلار داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن تاللىنىپ كەلگەنىدى.


ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىم مەن مۇنداق: «قالماسلىقىم ئۈچۈن بولۇپ گۇناھكار، تارتاي تىلىمنى، رەزىللەرنىڭ ئالدىدا تىكىپ قوياي ئېغىزىمنى.»


كۆتۈرىمەن خۇداغا پەريادىمنى، مۇقەررەر ئاڭلار ئۇ مېنىڭ زارىمنى.


ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار شاپا‏ئەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.


پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ شاپائەتلىكتۇر، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ھەممە «ئىلاھلار»دىن ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ يانلىرىدا بىردىن ئۆي بولۇپ، شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ يېنىدىكى ئۆينىڭ ئالدى جەنۇبقا، جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ يېنىدىكى ئۆينىڭ ئالدى شىمالغا قارايتتى.


لاۋىيلار تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللىدى: يوئېلنىڭ ئوغلى ھېمان، بەرەكيانىڭ ئوغلى ئاساف ۋە مىرارىلاردىن قۇشايانىڭ ئوغلى ئېتان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite