21 خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:
بىر كۈنى كېچىسى خۇدا ئابىمەلەكنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: _ پات ئارىدا ھالاك بولىسەن! چۈنكى سەن ئەكەلدۈرۈۋالغان ئايال باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر، _ دېدى.
لېكىن پىرئەۋن ساراھنى ئوردىسىدا ئېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە ئاپەت ياغدۇردى. ئۇلار ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدى.
بوۋام ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان، ئاتام ئىسھاق ئىخلاس قىلغان خۇدا ماڭا يار بولمىغان بولسا، سىز مېنى چوقۇم قۇرۇق قول قايتۇرغان بولاتتىڭىز. لېكىن خۇدا مېنىڭ قانداق قىينالغىنىمنى، قانداق جاپا تارتقىنىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سىزنى ئەيىبلىدى.
ئەسلىدە ئەدىبىڭنى بېرىدىغان كۈچۈممۇ بار ئىدى. لېكىن تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېنىڭ چىشىڭغا تەگمەسلىكىمنى ئېيتتى.
شۇ كۈنى كېچىدە خۇدا لاباننىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: «سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ياقۇپنىڭ چىشىغا تەگمە» دېدى.
ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى، ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.
موئاب ۋە ئاممونلار تەكەببۇرلىشىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار جازاسىنى يەيدۇ.