11 تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە، ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.
شەۋكەتلىكتۇر خۇدا مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا. ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار، ئۆز قوۋمىغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلار. مەدھىيەلەر ئوقۇلغاي خۇداغا!
بىزنى بەختلىك قىلغايسەن خۇدا، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ بىزگە، دىدارىڭنىڭ جىلۋىلىرىنى، چېچىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە. سېلاھ
مۇشۇنداق ئادەملەر تەلپۈنەر خۇداغا، ئى ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا، تەلپۈنگۈچىلەردۇر ئۇلار جامالىڭغا. سېلاھ
سورايدۇ نۇرغۇن كىشىلەر: ياخشىلىق قىلار كىم بىزگە؟ ئېھ پەرۋەردىگار، چۈشۈرگىن جامالىڭنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە.
پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈڭلار، ھايات قالىسىلەر. بولمىسا، ئەي يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئوتتەك يوپۇرۇلىدۇ. بۇ ئۆچمەس ئوت بەيتەلنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.
ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا، يەنى ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، نىجاتلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن، تەقۋادار خەلقلىرىڭ مېھرىبانلىقىڭدىن شادلىققا تولسۇن.
قۇدرىتىنى تاپشۇردى ئۇ ئەسىرلىككە، شۆھرىتىنى بەردى ھەم دۈشمەنلەرگە.
ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.
يىغا-زار قاپلىغان قۇرغاق جىلغىدىن ئۆتكەندە ئۇلار، ئۇ يەرنى بۇلاقلىق ماكانغا ئايلاندۇرار، ئۇ يەر كۈز يامغۇرلىرى بىلەن بەرىكەتلىنەر.