10 ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.
سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى،
چىن دىلىمدىن ئاپىرىن ئوقۇيمەن پەرۋەردىگارغا، ئاڭلاپ بۇنى ئاجىزلار چۆمۈلەر خۇشاللىققا.
مېنى ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر. ئەگەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار،
پۈتكۈل ئىسرائىل ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەنلا غەلىبە قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ماختايدۇ.
مەن يوشۇرۇن گەپ قىلمىدىم، ياكى قاراڭغۇ جايدا گەپ قىلمىدىم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا: ‹مېنى ئىزدەپ تاپالمايسىلەر› دېمىدىم. مەن پەرۋەردىگار دائىم ھەقىقەتنى ۋە ئادىللىقنى سۆزلەيمەن.
ئەي ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭ ۋە جان-دىلىڭ بىلەن قىلغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلى ۋە نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭ، ئۇ ساڭا نامايان بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئۇ سېنى مەڭگۈ تاشلايدۇ.
خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.
تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە، ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.
ھازىردىن باشلاپ سىلەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سېلىشنى باشلاڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇداغا تەۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويالايسىلەر.
پۈتۈن خەلق بەرگەن قەسەملىرىدىن خۇشاللىققا چۆمۈشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا نامايان بولۇپ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتە تىنچ-ئامانلىققا ئىگە قىلدى.
يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر، ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.
مەدھىيەلەيلى بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈكلۈكىنى، ئۇلۇغلايلى ھەممىمىز ئۇنىڭ نامىنى.