Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 15:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللىغاندۇر.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 15:2
17 Referans Kwoze  

خەلق تاغدا بولغان ۋاقىتتا پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن خەلققە بەخت تىلەپ كەلمەكتە. بۇ قائىدە ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق.


مۇسا بۇ قانۇننى ئۆزى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا بەردى.


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ: _ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى.


خەلققە: _ سىلەر، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار.


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن روھانىيلارنى، لاۋىيلارنى تاللايمەن. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇ ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن پاكلىغان ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارغا تەلىم بېرىشكە مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدۇرغان ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىغا چېقىلماڭلار، ئۇ ئورنىدا قالسۇن. بۇندىن كېيىن ئەھدە ساندۇقىنى مۈرەڭلاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈشۈڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. سىلەر ھازىردىن باشلاپ سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار.


بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلار ئالتە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، داۋۇت بىر بۇقا ۋە بىر بوردالغان تورپاق قۇربانلىق قىلدى.


_ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن.


سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان لاۋىيلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەمدە بولۇشقا مەخسۇس تەيىنلەنسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite