Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 15:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا لاۋىي قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەر تەيىنلەشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ چىلتار، لىرا، جاڭ قاتارلىق سازلارنى چېلىپ، شاد-خۇرام بولۇشىنى تاپىلىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 15:16
38 Referans Kwoze  

داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى لىرا، چىلتار، داپ، جاڭ ۋە كانايلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.


ئۇلارنىڭ كەينىدىن زىكىرىيانىڭ ھەمراھلىرى ماڭدى. ئۇلار شىمايا، ئازارئېل، مىلالاي، گىلالاي، مائاي، نىتانئېل، يەھۇدا ۋە خانانىلار بولۇپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ سازلىرىغا ئوخشاش سازلارنى چېلىپ ماڭدى. بۇ توپقا تەۋرات ئۇستازى ئەزرا يېتەكچىلىك قىلغانىدى.


نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، شۈكۈر ئېيتقان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار تەڭكەش قىلىندى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇتقا تولدى.


يەنە تۆت مىڭ كىشىنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى، قالغان تۆت مىڭ كىشىنى داۋۇت ئۆزى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن ياساتقان چالغۇلارنى چېلىشقا مەسئۇل قىلدى.


ھېمان ۋە يىدۇتۇن سازەندىلىككە، يەنى كاناي، جاڭ ۋە خۇدا ئۈچۈن چېلىنىدىغان بارلىق سازلارنى چېلىپ، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا مەسئۇل قىلىندى. يىدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى.


ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساڭا بۇرۇن تاپشۇرغىنىمدەك، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىنى تەيىنلەش ئۈچۈن، سېنى كرىت ئارىلىدا قالدۇردۇم.


سەن مەندىن ئۆگەنگەن تەلىملەرنى كۆپ ئېتىقادچىلار ئاڭلىغان ۋە بۇ تەلىملەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلگەن. ئەمدى بۇ تەلىملەرنى ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغا تەلىم بېرەلەيدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزگىن.


پاۋلۇس بىلەن بارنابا يەنە ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتەكچىلەرنى بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان رەببىمىز ئەيساغا تاپشۇردى.


يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!› مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.


شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»


مەدھىيەلىسۇن خۇدانى ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ، ئالقىش كۈيى چالسۇن داپ، لىرادا ئۇنىڭغا ئاتاپ.


ئەي پۈتكۈل جاھاندىكى ئىنسانلار، ياڭرىتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار.


ناخشا ئېيتايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، قورام تاشتەك قۇتقۇزغۇچى خۇدانى مەدھىيەلەيلى ئالقىشلاپ.


ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلار ناخشىنى مۇنداق ئېيتار: «ئەي سىئون، مېنىڭ ھايات مەنبەيىم سېنىڭدىدۇر.»


كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا، شادلىقتا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار. ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى خۇش بولۇپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.


بۇرۇن داۋۇت پادىشاھ ۋە ئاسافنىڭ زامانىسىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ناخشىلىرىنى ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىرى بولۇش ئادىتى بار ئىدى.


جامائەت ئۇ كۈنى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى قىلدى ھەمدە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. چۈنكى خۇدا ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغانىدى. ئاياللار ۋە بالىلارمۇ خۇشاللىققا چۆمدى. يېرۇسالېمدىكى شاد-خۇراملىقنى يىراق جايلاردىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.


پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈردى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇندى.


ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرىسىلەر. شۇڭا سىلەر ۋە لاۋىي قېرىنداشلىرىڭلار ئۆزلىرىڭلارنى پاكلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىڭلار.


ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەمنىڭ قولىدا داپ بار ئىدى. نۇرغۇن ئاياللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى.


ئاساف، ھېمان، يىدۇتۇن، ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى، يەنى نەغمىچى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىشىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدە تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا جاڭ، چىلتار، لىرا بار ئىدى. 120 نەپەر كاناي چالىدىغان روھانىيلار ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى.


روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن جايلىرىدا تۇرۇپ، كاناي چالدى. لاۋىيلار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن تەييارلانغان سازلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. پادىشاھ داۋۇت بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ياساتقانىدى. لاۋىيلار بۇ سازلار بىلەن «پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇشتى. پۈتۈن خەلق ئۆرە تۇراتتى.


يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىللىرى خۇداغا بېغىشلىنىدىغان چاغدا، لاۋىيلار تۇرغان جايلىرىدىن مۇراسىمغا قاتنىشىشى ئۈچۈن يېرۇسالېمغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار مۇراسىمنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە مىننەتدارلىق بىلەن جاڭ، چىلتار ۋە لىرالارنى چېلىپ، نەغمە قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ تەبرىكلىدى.


مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ ياڭراق ساداسىدا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىدا.


سىلەر ئۆزۈڭلارنى داۋۇت پادىشاھقا ئوخشىتىپ، چىلتارلارغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىسىلەر.


لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى.


ئۇلارنىڭ بېشى ئاساف بولۇپ، ياردەمچىسى زىكىرىيا ئىدى. باشقىلار: يىئىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ماتتىتيا، ئەلىئاب، بىنايا، ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېللار. ئۇلار چىلتار ۋە لىرا چېلىشقا بۇيرۇلدى. ئاساف جاڭ چالىدىغان بولدى.


قوھات ۋە كوراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان لاۋىيلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مەدھىيەلەشتى.


يېڭى ئاي تۇغقاندا ۋە ئاي تولغاندا، بايرام قىلىپ بۇرغىلارنى چېلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite