1 داۋۇت ئۆزىگە داۋۇت شەھىرىدە سارايلارنى سالدۇردى. كېيىن يەنە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن ئورۇن تەييارلاپ، چېدىر تىكتۈردى.
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.
تاكى تەييار قىلمىغۇچە ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك خۇداسى _ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش جايىنى.»
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى.
پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ، يەنى ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىجازەت سورىغان.
لېكىن پادىشاھ: _ ئابسالوم ئۆيىگە بارسۇن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلمىسۇن، _ دېدى. شۇڭا ئابسالوم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى.
شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە بۇ قەلئەنى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ كېڭەيتىپ قۇردى.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.
ئەھدە ساندۇقى داۋۇت ياسىغان چېدىرىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، داۋۇت چېدىردىكى نەغمىچىلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئادەم تەيىنلىدى.
ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرىسىلەر. شۇڭا سىلەر ۋە لاۋىي قېرىنداشلىرىڭلار ئۆزلىرىڭلارنى پاكلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىڭلار.
پادىشاھ داۋۇت پەرۋەردىگار ئەھدە ساندۇقى سەۋەبى بىلەن ئوبېد-ئىدومنىڭ جەمەتىگە ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە بەخت ئاتا قىلىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا داۋۇت شەھىرىگە يۆتكەپ ئەكەلدى.
(داۋۇت بۇرۇن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىمدىن يېرۇسالېمدىكى ئۆزى ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن تەييارلىغان چېدىرغا يۆتكەپ ئەكەلدۈرگەنىدى.)
پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى.