2 شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى.
ئۇلارنىڭ چېلەكلىرىدىن سۇ تېشىپ تۇرىدۇ، تېرىلغان ئۇرۇقلارغا سۇ مول بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگتىن بۈيۈكتۇر، پادىشاھلىقى ئۇلۇغلىنىدۇ.
بۇ سىرنىڭ ماڭا ئاشكارا قىلىنغانلىقى مېنىڭ دانالىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى كۆرگەن بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
ئەگەر سەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋەرسەڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا جايدىن ياردەم كېلىپ، ئۇلار قۇتۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن سەن پۈتۈن جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىسەن. كىم بىلىدۇ، بەلكىم سەن مۇشۇ ۋاقىتلار ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەندۇرسەن؟
تىر پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا مەكتۇپ ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب بەردى: «پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، سىلىنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدى.
پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولغاچقا، ئۇ سىلىنى ئادىل ۋە ھەققانىي ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ، پادىشاھ قىلىپ تىكلەپتۇ.
سېنىڭ نەسلىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سېنىڭ تەختىڭنى ئەبەدىي قىلىمەن.»
ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن مېنى نەزىرىڭدە ئۇلۇغ ئادەم بىلدىڭ.
مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدىم.
_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار ۋە بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئۇنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى ئالەمدىكى بارلىق خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ.
تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، تاشچىلار ۋە ياغاچچىلارنىمۇ ئەۋەتتى.
داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە ئايال ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى.
مەن سىلىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا 1400 توننا يارما قىلىنغان بۇغداي، 1400 توننا ئارپا، 2000 توننا شاراب ۋە 2000 توننا زەيتۇن يېغى بېرىمەن.»