16 شۇنداق قىلىپ، داۋۇت خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى گىبئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.
بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، سىلەرمۇ شۇنداق قىلساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!
نۇھ خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.
ئانىسى چاكارلارغا: - ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، - دېدى.
ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم، گەزەر،
ئەفرايىم قەبىلىسى كەنئانلارنى گەزەر شەھىرىدىن قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلار داۋاملىق ئەفرايىملار بىلەن بىرگە ياشاپ، ئۇلارغا قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.
شۇنداق قىلىپ، داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى گەبادىن گەزەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى.
سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھۇجۇم قىل. چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولىمەن، _ دېدى.
داۋۇتنىڭ شۆھرىتى ھەممە ئەللەرگە تارقالدى ۋە پەرۋەردىگار ھەممە خەلقلەرنى ئۇنىڭدىن قورقىدىغان قىلىپ قويدى.
پەرۋەردىگار ئىلگىرى پىرئازىم تېغىدا ئۇرۇش قىلغاندەك ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇ گىبئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگەندەك غەزەپكە كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىغا يات بىر ئىشنى قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئىشىنى قىلىپ، ئۇنى تاماملايدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن گەزەر دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر بويسۇندى.