12 فىلىستىيەلىكلەر قاچقاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ئادەملىرىگە بۇتلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى بۇيرۇدى.
ئاندىن ئۇ خەلقنىڭ ياسىۋالغان موزاي بۇتىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى كۈلدەك ئېزىپ، سۇغا چېچىۋەتتى ۋە ئىسرائىللارغا ئۇ سۇنى ئىچكۈزدى.
ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى.
ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. بۇتلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە كۆز قىزارتماڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلىۋالماڭلار. چۈنكى بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر سىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇلاردىن يىرگىنىدۇ.
سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چۇۋۇۋېتىڭلار، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتتىڭلار، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، باشقا بۇتلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار.
بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
فىلىستىيەلىكلەر قاچقاندا، ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ بۇتلارنى ئېلىپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئادەملىرى بىلەن بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم بىلەن دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا بۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى»] دەپ نام بېرىلدى.
كېيىن فىلىستىيەلىكلەر يەنە رافاھلار جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى.
ئۇلار بۇتخانىدىكى بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكنى ئېلىپ چىقىپ، كۆيدۈرۈپ،