Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 14:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 داۋۇت خۇدادىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 14:10
14 Referans Kwoze  

ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.


داۋۇت يەنە خۇدادىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى، خۇدا ئۇنىڭغا: _ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلماي، ئارقا تەرىپىگە ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل.


شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان تەخمىنەن 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.


داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ جەڭگە چىق، مەن چوقۇم فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە بارايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بارغىن، _ دېدى پەرۋەردىگار. _ قايسى شەھەرگە باراي؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت. _ ھىبرونغا بارغىن! _ دېدى پەرۋەردىگار.


داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


داۋۇت يەنە پەرۋەردىگاردىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلماي، ئارقا تەرىپىگە ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل.


فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافاھلار جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئادەملىرى بىلەن بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم بىلەن دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا بۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى»] دەپ نام بېرىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite