9 ئۇلار كىدوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە ئۆكۈز پۇتلىشىپ كەتتى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ھارۋىدىن چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى.
ئۇلار ناكوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە ئۆكۈز پۇتلىشىپ كەتتى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ھارۋىدىن چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى.
ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى.
مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان روھانىيلارمۇ ئۆزىنى ماڭا بېغىشلاپ بولۇپ، ئاندىن خىزمىتىمدە بولسۇن. بولمىسا، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن تاغدىن چۈشۈپ، ھارۇننى باشلاپ كەل. لېكىن روھانىيلار بىلەن خەلق بەلگىلەنگەن چېگرادىن ھالقىپ، بۇ يەرگە كەلمىسۇن. بولمىسا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن، _ دېدى.