Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 13:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 13:7
7 Referans Kwoze  

ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.


ئالدىنقى قېتىم سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ باقمىدىڭلار. بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ئەھدە ساندۇقىنى قانداق كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كېلىشىمىزنى سوراپ باقمىدۇق. شۇڭا پەرۋەردىگار بىزگە غەزەپ قىلدى.


ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللىغاندۇر.


ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى.


ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ۋە يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى تەييارلاپ، ئۇلارنى ھارۋىغا قېتىڭلار، موزايلىرىنى ئايرىپ ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار.


ئاخىيو ھارۋىنىڭ ئالدىدا ماڭدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite