Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 13:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە، يەنى قىريات-يىئارىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 13:6
16 Referans Kwoze  

بۇ پاسىل بۇ ئېدىرلىقتىن يەنە نەفتوۋاخ بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلەرگىچە بارىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە قايرىلىپ، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلىدىغان بائالا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.


پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەختتە ئولتۇرىسەن، سەن دۇنيادىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقلارنىڭ يېگانە خۇداسىدۇرسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىدۇرسەن.


مەن ئۇ يەردە، يەنى قاپقاقنىڭ ئۈستىدە، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، سەن بىلەن ئۇچرىشىمەن ۋە ئىسرائىللارغا چۈشۈرىدىغان ئەمرلىرىمنى ساڭا يەتكۈزىمەن.


شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى. ئۇلار كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە كەلدى.


ھەمدە قىريات-بائال (يەنى قىريات-يىئارىم)، رابباھ قاتارلىق ئىككى شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.


«ئى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىسەن، سەن بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقلىرىنىڭ يېگانە پەرۋەردىگارىسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىسەن.


ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار، ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار.


ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.


ئۇ ئاتامغا: «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، بىراق خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى.


مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھتىن پاكلىنىش جايى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى «كېرۇب»نىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار شۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسا بىلەن سۆزلەشتى.


ئۇلار ئىسرائىللار ئۈچۈن مېنىڭ نامىم بىلەن دۇئا قىلسا، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.


سىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سېلىڭلار، قارشىلىق قىلماڭلار. بولمىسا، ئۇ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ نامىمدا كېلىدۇ.


توپىدىن مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى كۆيدۈرۈڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن جايلارغا كېلىپ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن.


ئىسرائىللار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ نامى گىبئون، كىفىرا، بەئەروت، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلاتتى.


ئاخىرى ئۇلار قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ: _ فىلىستىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىڭلار! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite