Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 13:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 13:5
16 Referans Kwoze  

ئاخىرى ئۇلار قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ: _ فىلىستىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىڭلار! _ دېدى.


شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ سۇلايمان شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە كۈن، يەنى ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزدى.


داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ سەرخىل لەشكەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار جەمئىي 30 مىڭ ئىدى.


داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى.


داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە، يەنى قىريات-يىئارىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى.


بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى.


پادىشاھ سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن فىلىستىيەگىچە، فىلىستىيەدىن مىسىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن پادىشاھلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇلار سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.


مىسىرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟ ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟


ئىسرائىللار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ نامى گىبئون، كىفىرا، بەئەروت، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلاتتى.


شۇنىڭدىن كېيىن قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ، كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىگە سېلىنغان ئابىنادابنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلىسۇن دەپ، ئۇلار ئابىنادابنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى پاكلاپ، شۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.


بۇ ئىشنى پۈتۈن خەلق توغرا دەپ قارىغاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى.


ئۇلار چوڭقۇر دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ، مىسىردىكى شىخور ۋادىسىدىن ئاشلىق سېتىۋالاتتى، نىل دەريا ۋادىسىدىن چىققان ھوسۇللارنى ئەكېلەتتى. يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى سىلەردە ئىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇزاق ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل قىريات-يىئارىم شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە پۈتۈن ئىسرائىللار ھەسرەت ئىچىدە پەرۋەردىگارغا ئىنتىزار بولۇپ تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite