4 بۇ ئىشنى پۈتۈن خەلق توغرا دەپ قارىغاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى.
_ ئەگەر ئالىيلىرى مەندىن رازى ۋە مەمنۇن بولۇپ، ماڭا ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا ۋە توغرا كۆرسىلە، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاموننىڭ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن پەرمانلىرىنى بىكار قىلغايلا.
شۇڭا پادىشاھ ۋە جامائەتمۇ بۇ پىلاننى لايىق كۆرگەنىدى.
كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ، پادىشاھتىن خۇشال بولۇشتى. ئەسلىدە ئۇلار پادىشاھنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ياخشى كۆرەتتى.
ۋاھالەنكى، سائۇلنىڭ ئىككىنچى قىزى مىكال داۋۇتقا ئاشىق ئىدى. بۇنىڭدىن سائۇل خەۋەر تېپىپ، خۇشال بولۇپ كەتتى.
شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى.