Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 13:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2-3 ئاندىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر مۇۋاپىق كۆرسەڭلار ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئىرادە قىلسا، بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ياشايدىغان، جۈملىدىن شەھەر ۋە يايلاقلاردا ياشايدىغان روھانىي بىلەن لاۋىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا خەۋەر يەتكۈزەيلى، ئۇلار ئالدىمىزغا يىغىلسۇن. ئاندىن بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، چۈنكى پادىشاھ سائۇلنىڭ دەۋرىدە بىزنىڭ خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ھېچ كارىمىز بولمىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 13:2
16 Referans Kwoze  

فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى. قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى.


سىلە ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېپقالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا.»


پىلانلار مەغلۇپ بولار مەسلىھەت بولمىغاندا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولار مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا.


يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتقان پۈتۈن ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، ئۇ شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.


لېكىن پادىشاھ يورام ئاررام پادىشاھى خازائېل بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئارراملار ئۇنى يارىلاندۇرغانلىقتىن، ئۇ جاراھىتىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتكەنىدى.) شۇڭا يېھۇ ئادەملىرىگە: _ ئەگەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنى ئېتىراپ قىلساڭلار، بىرەر كىشىنىڭ شەھەردىن ئايرىلىپ، يىزرىئەلگە قېچىپ بېرىپ، خەۋەر يەتكۈزۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى.


مويسىپىتلار: _ ئەگەر سىلى بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى سۆزلەرنى قىلسىلا، ئۇلار مەڭگۈ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.


ئەگەر مېنىڭ مەسلىھەتلىرىمنى خۇدا خالىسا، سەن خەلقنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالايسەن، خەلقنىڭ ماجىرالىرىمۇ تېز ھەل بولىدۇ، _ دېدى.


داۋۇت مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن مەسلىھەتلەشتى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite