14 خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى. پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىگە بەرىكەت ئاتا قىلدى.
بايلىق كەلتۈرەر پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى، قوشماس بۇ بايلىققا دەرد-ئەلەمنى.
لابان ئۇنىڭغا: _ سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، يېنىمدىن ئايرىلما. پال ئاچتۇرۇپ شۇنى بىلدىمكى، پەرۋەردىگار سەن ئارقىلىق ئىشلىرىمغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىكەن.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، پەرۋەردىگار پوتىفارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە، چارۋا ماللىرىغا ۋە تېرىقچىلىقىغا بەرىكەت ئاتا قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كېلىشنى خالىماي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.
ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئوبېد-ئىدوم ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 68 كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويدى. يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبېد-ئىدوم بىلەن خوساھنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى.