11 داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» [مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى»] دەپ ئاتىدى. بۇ يەر شۇنىڭدىن بېرى شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن: _ بۇ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن شۇنچە ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ توغرا، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولدۇم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دېدى.
شۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى.
بىراق ئۇززانىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە تەگمەسلىك قائىدىسىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپى كېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.
يوشۇۋامۇ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار توختىغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار شۇنىڭدىن بېرى ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا.
پەرۋەردىگار ئۇنى موئابتىكى بەيت-پىئورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر جىلغىغا دەپنە قىلدى. تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
خۇدا ياقۇپنىڭ ساغرىسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللار تا بۈگۈنگىچە ھايۋانلارنىڭ ساغرىسىنىڭ پېيىنى يېمەيدۇ.
ئۇ ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە قولىنى تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا جان بەردى.
شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى.
مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان روھانىيلارمۇ ئۆزىنى ماڭا بېغىشلاپ بولۇپ، ئاندىن خىزمىتىمدە بولسۇن. بولمىسا، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.
ئالدىنقى قېتىم سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ باقمىدىڭلار. بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ئەھدە ساندۇقىنى قانداق كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كېلىشىمىزنى سوراپ باقمىدۇق. شۇڭا پەرۋەردىگار بىزگە غەزەپ قىلدى.