39 ئۇلار ھىبروندا قېرىنداشلىرى تەييارلاپ قويغان غىزالارنى داۋۇت بىلەن بىرلىكتە ئۈچ كۈن يەپ-ئىچىشتى.
يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۇلارغا: _ پادىشاھ داۋۇت بىزنىڭ قەبىلىمىزدىن بولغاچقا، شۇنداق قىلدۇق. سىلەر نېمىدەپ بۇ ئىشقا خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭ يەيدىغانلىرىدىن بىر نەرسە يەپتۇقمۇ؟ ياكى پادىشاھ بىزگە بىرەر ئىنئام بېرىپتىمۇ؟ _ دېدى.
ئۇ يەنە پۈتۈن خەلققە ئەر-ئايال دېمەي، ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش تارقىتىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
ئاندىن ئۇ تاغدا مال بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى ھەمدە قېرىنداشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدى. تاماقتىن كېيىن ئۇلار شۇ يەردە قوندى.
ئىسھاق زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى مېھمان قىلدى.
بۇ لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى سەپ تۈزۈشۈپ ھىبرونغا كەلدى. بۇلار داۋۇتنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىشتا بىر نىيەتتە ئىدى. قالغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقانىدى.
ئۇلارغا ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىدەك يىراقتا تۇرىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە بۇقىلارغا زور مىقداردا ئوزۇق-تۈلۈك، يەنى ئۇن، ئەنجۈر قېقى، كىشمىش، شاراب، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلارنى ئارتىپ ۋە كالا، قويلارنى ھەيدەپ ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى.
يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بويىچە داۋۇتنى پادىشاھ قىلغانلار ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلەردۇر.