33 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 50,000 جەڭچى، ئۇلار ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن جەڭگە تەييارلانغان بولۇپ، داۋۇتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم قىلماقچى ئىدى.
يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە، ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە.
ھەزرىتى ئەيسا ناتانيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: - مانا بۇ، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىل! - دېدى.
نافتالى قەبىلىسىدىن 1000 سەركەردە ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 37,000 جەڭچى.
بۇ لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى سەپ تۈزۈشۈپ ھىبرونغا كەلدى. بۇلار داۋۇتنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىشتا بىر نىيەتتە ئىدى. قالغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقانىدى.
ئاشېر قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 40,000 جەڭچى.
شۇ چاغلاردىكى پادىشاھلارنىڭ قائىدىسى بويىچە پادىشاھ مەلۇم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، قانۇن ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامنى ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاتتى. شۇڭا پادىشاھ ئۆز زامانىنىڭ يېتىشكەن ئاقىللىرىدىن مەسلىھەت سورىدى.